مەن باسقان ئىزلار

بسم ﷲالرﺣﻤﻦ الرﺣﻴﻢ

 

جىمى ھەمدۇ-سانا ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان، بىزگە رىزىق بەرگەن، بىزگە رىزىق بەرگەندىن كېيىن تاشلىۋەتمەستىن، ئەڭ كاتتا نېئمىتى بولغان ئىمان، ئىماندىن كېيىن ھىجرەتنى نېسىپ ئەتكەن ۋە مۇشۇ يولدا بىزگە ئۆزىنى نېئمەتلىرى بىلەن، ئاتالىرى بىلەن ئەسلىتىپ تۇرغان ئاللاھقا بولسۇن. دۇرۇت ۋە سالاملار ئاللاھنىڭ بەرھەق ئەلچىسى بولغان، رىسالەت مابەينىدە بىزگە قانداق ياشاشنى، ئىسلام، ئىمان، ئېھساننى، ئەقىدىلىك ھايات بىلەن ئەقىدىسىز ھايات، غايىلىك ھايات بىلەن غايىسىز ھاياتنىڭ پەرقىنى ئۆز ھاياتى، قېنى، تۆكۈلگەن چىشلىرى، مەڭزىگە سانجىلغان تۆمۈر پارچىلىرى، جەڭدىكى ساباتلىقلىرى، پىيادە ماڭغان ئۇزۇن-ئۇزۇن يوللىرى بەدىلىگە بىزگە چۈشەندۈرگەن مۇھەممەد س. ئە. ۋ گە بولسۇن. ئاللاھدىن تىلەيمىزكى، ئىمان ۋە ھىجرەتنى نېسىپ ئەتكەن مەرھەمەتلىك رەببىمىز جىھادنى، غازىلىقنى، مەقبۇل شاھادەتنى ھەم نېسىپ ئەتسۇن. ئامىين.
مېنىڭ كېلىپ چىقىشىم بىر ئاددىي ئائىلە ئىكەن. مەن بىلىدىغان بوۋا-مومىلىرىم بەتبەخت كوممۇنىست خىتاينىڭ قولىدا «باي دېھقان، پومېشچىك» دېگەن قارا بەتناملار بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى بولغان مېنىڭ ئاتا-ئانىلىرىم، ئامانلىق ئىزدەپ ئۇياق-بۇياقلارغا مۇساپىر بولغان كىشىلەر ئىكەن. مەن چوڭ بولسام ئاتا-ئانام بەش ۋاقىت ناماز ئوقۇيدىغان، روزا تۇتىدىغان، زاكات بېرىدىغان، باغرى تولىمۇ يۇمشاق، ئاق كۆڭۈل، كىشىنىڭ ھەققىدىن قورقىدىغان مېھرىبان ئاتا-ئانىلاردىن، ئەھلى مۇسۇلمانلاردىن ئىكەن.
مەقسەتكە كەلسەك: مەن ئاللاھنىڭ رەھمىتى، بەرىكىتى بىلەن ھىجرەت قىلغاندىن كېيىن، بۇرادەرلەرنىڭ «قىسقىغىنا بولسىمۇ ھىجرەت قىلغاندىكى تەسىراتىڭىزنى يېزىپ قويسىڭىز بولىدۇ» دېگەن سەمىمىي جېكىلىشىدىن كېيىن، بۇ تەسىراتلارنى يېزىشقا ئانچە كۆڭۈل ئىچمىگەن ئىدىم. لېكىن كۈنلەر ئۆتتى، ئايلار ئۆتتى، كېيىنكى كۈنلەردە يۈرىكىمگە بىر ئوت تۇتاشتىكى، ھاياتىمدىكى، ھىجرىتىمدىكى، جىھادىمدىكى لەززەت، لەززەت، ئىمانىي لەززەتلەرنى قەغەز يۈزىگە دۇردانە قىلىپ تىزغۇم كەلدى ۋە شۇ ئارقىلىق ئاللاھنىڭ خالىغان بەندىلىرى بۇ دۇردانىلەرنى قەلب زەنجىرىگە تىزىپ ئېسىۋالسا، ئاشۇ نىجىس جاھىلىيەتتىن كۆزىنى يوغان ئېچىپ ئادا-جۇدا بولسا، پەقەت بىرلا قېتىم كېلىدىغان قىممەتلىك ھاياتىنى، ۋاقتىنى ئەھمىيەتلىك ۋە مۇھەببەتلىك ئۆتكۈزسە ۋە شۇ ئارقىلىق مەرھەمەتلىك ئاللاھ ماڭا مەغپىرەت ئەيلىسە، ئازابىدىن قۇتۇلدۇرسا دېگەن ئۈمىدتە بۇ ئەسەرنى يېزىشقا كىرىشتىم. ئاللاھدىن سورايمەنكى، ئەمەللىرىمدە ئىخلاس پەيدا قىلىپ بەرسۇن، دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە مەنپەئەتلىك قىلسۇن. ئامىين.
بۇ ئەسىرىمنىڭ ئەۋۋىلىدە پۈتۈن ئىنسانىيەتكە ئۆزۈمنىڭ ئىنسانلىق قەدىر-قىممىتىم، ئىنسانلىق بەختىم-ئىززىتىم بىلەن شۇنى جاراڭلىق قىلىپ ياڭراتقۇم كېلىدۇكى، گۇۋاھلىق بېرىمەنكى، سىزنى ۋە بىزنى ياراتقان، كېسەل قىلغان، ئۆزىگە يېلىندۇرغان، ئاندىن شىپالىق بەرگەن، يۈرىكىڭىزگە، شۇ بىر پارچە گۆشكە توختىماستىن سوقۇپ تۇرىدىغان قۇۋۋەتنى ئاتا قىلغان ئاللاھدىن باشقا ھەقىقىي ئىلاھ يوق، مۇھەممەد س. ئە. ۋ ئاللاھنىڭ بەرھەق ئەلچىسى ۋە بىزنىڭ ھايات ئۈلگىمىز.
ئى ئادەملەر! ساغلام ئەقلىمىزنى ئىشقا سېلىپ بىر تەپەككۇر قىلىپ باقايلى! ئاشۇ دىنسىزلىق، ئاشۇ ئاتالمىش «مەدەنىيەت»، ساپا مائارىپى، قوش تىللىق مائارىپ بىزگە نېمە بەردى!؟ ئاشۇ قاۋاقخانا، ھاراق، قىمار، چېكىملىكلەر بىزگە نېمە بەردى!؟ ئاشۇ ياسىۋەتكەن ئۆيلەر، ھەشەمەتلىك ماشىنىلار، مۇھەببەتلىك كۆپ ماللار بىزگە نېمە بەردى!؟ بىز يەنە غەپلەتتە يۈرۈۋېرەمدۇق!؟ پانىي دۇنيانىڭ بۇ باقاسى يوق ماتالىرىدىن يەنە پەخىرلىنەمدۇق!؟ ئۇلارنىڭ بىزگە نېمىلەرنى بەرگەنلىكىنى مەن ئوبدان بىلىمەن. بىر كۈنىمىزدىن، بىر ئېيىمىزدىن، بىر يىلىمىزدىن ھېساب ئېلىپ باقايلى؟ مەن بىلىمەنكى، بۇلار بىزگە ئاچكۆزلۈكنى بەردى، ئۇرۇق-تۇغقانچىلىقنى ئۈزدى، قىمار ئويناپ ئۇتتۇرۇپ كىرىپ ئاتا-ئانىمىزنى، ئاياللىرىمىزنى قاقشاتتۇق. بىزنى ئۆزىمىزدىن باشقا ھېچكىمنى ئويلىمايدىغان، بىزلا توق بولساق، خاتىرجەم بولساق، پۈتۈن دۇنيا، قوشنا-قېرىنداش ھەممىسى زۇلۇم چەكسە، ئاچ قالسا، ھەتتا ئۆلۈپ كەتسە مەيلى. بىزنى ئەنە شۇنداق قىلىپ قويدى. جەمئىيەتتە مۇشۇنداق ئىپلاس تۇرمۇش ئادەتلىرىنى، ئەيش-ئىشرەت ۋە بۇزۇقچىلىقلارنى چىرايلىق نىقابلار بىلەن بېزەپ، بىزگە ئېلان قىلىۋاتقان، زورلاپ تېڭىۋاتقان، كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى تونۇيالمايۋاتىمىز!  شۇ رەزىل سىياسەتلىرىگە رازى بولۇۋاتىمىز! تېخىمۇ ھەددىدىن ئېشىپ ئۇلارنى داڭلاۋاتىمىز! ئى مۇسۇلمانلار! ئى ئەھلى ئىمانلار! بىلىپ قويايلىكى، ئۇلار بىزنى ئەڭ ئېچىنىشلىقى ئىماندىن مەھرۇم قىلدى، دىنىمىزنى دەپسەندە قىلدى. يوقاتقىنىمىز نېمە بىلەمسىلەر!؟ ئەقىدە! دۇنيا-ئاخىرەتلىك بەختىمىز، ئىززىتىمىزنى يوقاتتۇق! دۇنيا-ئاخىرەتتە بىزنى نىجاتلىققا ئېلىپ چىقىدىغان ئەقىدىمىزنى يوقاتتۇق! ھەتتا بۇ ئەقىدىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن شۇ قەدەر غەيرەتسىز بولۇپ كەتتۇقكى، نىجىس كاپىرلارنىڭ ناشايان كۆزلىرى خوتۇن-قىزلىرىمىزغا تىكىلدى! ئۇلار بىزنىڭ ئىززىتىمىزنى دەپسەندە قىلدى.  غايىسىز ياشاۋېرەمدۇق!؟ غايىسىز خار ياشامدۇق!؟ ئۇلار قىزلىرىمىزنى ساتتىغۇ!؟ قېنىمىزنى بۇلغىدىغۇ!؟ يىلتىزىمىزنى قۇرۇتتىغۇ!؟ قېنى بىزنىڭ ساپ ئىسلامىي ئەقىدىمىز!؟ قېنى ئۇيغۇر تىلىمىز!؟ قېنى شان-شەۋكىتىمىز!؟ مۇشۇلارغا رازىمۇ بىز!؟ چىن قەلبىمىزدىن رازىمۇ بىز!؟ ئى ئاتا-ئانا! مەكتەپلەردە بالىڭىز نېمە ئوقۇۋاتىدۇ بىلەمسىز!؟ بىر كۈندە قانچە سائەت ئوقۇپ، قانچە سائەت ئۇخلاپ، قانچە سائەت ئويناۋاتىدۇ بىلەمسىز!؟ شۇ بەتبەخت كوممۇنىستلار بىزنىڭ ئەجدادلىرىمىزغا ساخاۋەت قىلغاندەك، ئەۋلادلىرىمىزغىمۇ ساخاۋەت قىلارمۇ!؟ بىزنىڭ مۇسۇلمان ئەجدادلىرىمىزنى سويغان، قىرىپ تۈگەتكەن ئاشۇ جاللاتلارغا پەرزەنتلىرىمىزنى، يۈرەك-پارىلىرىمىزنى «تەربىيىلەپ بەرسىلە» دەپ تۇتۇپ بېرەمدۇق!؟ ھالا بۈگۈنكى كۈندە قىرىلمىدۇقمۇ!؟ سويۇلمىدۇقمۇ!؟ قامالمىدۇقمۇ!؟ شۇلار نېمە ئۈچۈن قامىلىۋاتىدۇ!؟ پاھىشە قىلغانلىقى ئۈچۈنمۇ!؟ ياكى قىمار ئوينىغانلىقى ئۈچۈنمۇ!؟ ئەجەبا پاھىشە-قىمارخانىلار كوچىدا جىققۇ!؟ ياق! ئۇلار پەقەتلا ئىمانى ئۈچۈن قامىلىۋاتىدۇ. ئەقىدىسى ئۈچۈن، پەقەتلا «رەببىم ئاللاھ!» دېگەنلىكى ئۈچۈنلا قامىلىۋاتىدۇ! بىلىپ قويايلىكى، كاپىرلار بىزنىڭ ھېچنەرسىمىزنى ئەمەس، بەلكى ئەقىدە-ئىمانىمىزنى يامان كۆرىدۇ ۋە قورقىدۇ. 

كىتاپنىڭ تولۇق نۇسخىسىنى بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ

Advertisements

Leave a Reply

Fill in your details below or click an icon to log in:

WordPress.com Logo

You are commenting using your WordPress.com account. Log Out / Change )

Twitter picture

You are commenting using your Twitter account. Log Out / Change )

Facebook photo

You are commenting using your Facebook account. Log Out / Change )

Google+ photo

You are commenting using your Google+ account. Log Out / Change )

Connecting to %s